مالىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 2025-يىللىق مەركەز مالىيەسى قوللايدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، داليەن شەھىرى، شېنجېن شەھىرى، بېيجىڭ شەھىرى مىيۈن رايونى قاتارلىق 90 رايون تاللاندى. مەركەز مالىيەسى مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى مەۋقەنى رايون ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش، خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلىنىڭ «مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇۋۋەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىشنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز بېرىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، قەرز بېرىشنى خالايدىغان، قەرز بېرەلەيدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مەركەزنىڭ مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلىغىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم باھالاش يۆنىلىشى ۋە نەتىجىنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرى مەركەزنىڭ مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.