يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزلىدۇ

2025.06.26 14:41 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى 2009-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2015-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 2018-يىلى ۋە 2021-يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە «كىچىك دائىرىلىك تۈزىتىش» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، دىققەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى مەھكەم ساقلاندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە جەمئىي ئۈچ ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى نۇقتىلىق سۇيۇق ھالەتتىكى يېمەكلىكلەرنى يولدا پارچە قاچىلاپ توشۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بوۋاقلار، بالىلار رېتسېپلىق سۇيۇق سۈتىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، قانۇنغا خىلاپ ئالاقىدار قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇن بەلگىلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ