ترامپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2025.06.26 14:41 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ جۇڭگونىڭ ئىراندىن داۋاملىق نېفىت سېتىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىدىنمۇ نېفىت سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

گو جياكۇن: جۇڭگو ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بولغان ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ