يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئاممىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «شارائىتى بار جايلارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى تەرتىپ بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىشىنى قوللاش ۋە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھەرقايسى جايلاردىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى تارقىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكىدىكى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلاردا تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى شەخسلەرگە بىۋاسىتە تارقىتىشقا بولىدۇ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، فۇجيەن، شەندۇڭ، خۇبېي، خەينەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈننەن ئۆلكىسىمۇ يېقىندا رەسمىي ھۆججەت تارقاتتى، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە بويىچە تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى شەخسلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.