مۇخبىرىمىز جۇ جۈن، يۈ جىڭشيەن، ۋاڭ خاۋ
خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇەنچېڭ رايونى نەنگاۋ يېزىسىنىڭ جاڭجيايىڭ كەنتىدە، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشاقلىرىنىڭ ئورنىغا ياپيېشىل كۆممىقوناق مايسىلىرى تۇپراقنى يېرىپ ئۈنۈپ چىققانىدى.
ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى سۈي ۋېيجەن: «دېھقانچىلىقنىڭ قارايى قاتتىق، بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن كۆممىقوناقنى تېرىيمىز. يېڭى تېخنىكا بولغاچقا، ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى.
كۆممىقوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى دەل جايىدا كۆزلەپ، بۇ يىل سۈي ۋېيجەننىڭ 100 مو يېرىدە كەڭ، تار قۇردا زىچ تېرىش تېخنىكىسى قوللىنىلدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىغا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنى قاچىلاپ مەشغۇلات قىلغاندا تۈپ ئارىلىقىنى دەل جايىدا تەڭشەپ، ئۇرۇق سېلىش، ئاساسىي ئوغۇت بېرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇشنى بىر قېتىمدىلا تاماملىغىلى بولىدىكەن. تېرىلغاندىن كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىش دەل جايىدا بولدى، بىر مو يەرگە 6000 تۈپتىن ئارتۇق كۆممىقوناق زىچ كۆچۈرۈلۈپ، مايسىلار رەتلىك ئۈنۈپ چىقتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق چوڭ ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى»، «يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك». ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ %90 تىن كۆپرەكى يىغىۋېلىنىپ، كۈزگى بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان، بۇغداي ئورۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانى شىنجاڭ، گەنسۇغا يۈزلەنگەن، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى ۋادىلىرىدا ئېڭىز ئورنىغا يازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىشنى قانات يايدۇرۇش ئالغا سىلجىتىلغان؛ مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇسىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى %80 كە يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يازلىق كۆممىقوناق، شال %90 تىن كۆپرەك تېرىلغان، يازلىق دادۇر %70 تىن كۆپرەك تېرىلغان بولۇپ، قوش پەسىللىك كەنجى شالنى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تىكىش مۆلچەرلەندى.
«بۇغداي ئورۇشنىڭ بەش ئىشى ئالدىراش، ئورۇش، توشۇش، تېپىش، قۇرۇتۇش، ساقلاش.» بۇ يىلقى يازلىق يىغىمدا، مەملىكەت بويىچە 800 مىڭدىن ئارتۇق كومبايىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىدىغىنى 200 مىڭدىن ئاشتى؛ يەككە ماشىنىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھوسۇل يىغىش كۆلىمى 80 مو بولۇپ، ئۈنۈم بەش يىل ئىلگىرىكىدىن %30 تىن كۆپرەك ئاشتى، بۇغداي يىغىشنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە تېز بولدى.
«تۆت مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا بىر مو يەرنى ئورۇغىلى بولىدۇ»، «ئەڭ ياخشى لىنىيە ئاپتوماتىك پىلانلىنىدۇ، قايتا ئورۇلمايدۇ، ئورۇلماي قالمايدۇ»...يازلىق يىغىمنى ماشىنىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ تىرىكى بار.
مۇلازىمەتكە نەزەر − يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، رايون ھالقىپ قاتناش، ماي ئىشلىتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇغداي ئورۇشتىكى نۇقتىلىق ئۆلكىلەردە، 3900 دىن ئارتۇق رايون يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت مەركىزى، 2000 دىن ئارتۇق رايون دېھقانچىلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركىزى، 6900 دىن ئارتۇق دائىملاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەشغۇلات مۇلازىمەت ئەترىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى.
مەبلەغكە نەزەر − يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى دىققەتنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 13 ئاساسلىق ئۆلكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىنى قوللىدى. يازلىق يىغىمدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ساھەسىگە جەمئىي 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقاتتى.
ئۈنۈمگە نەزەر − يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىجىل ياخشىلاش، يېڭىلاش، شوپۇرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ پايدىسىدا، ھەرقايسى بۇغداي ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ماشىنىدا يىغىۋېلىشتىكى زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى يىلمۇيىل تۆۋەنلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە بۇغداينى ماشىنىدا يىغىشتىكى ئوتتۇرىچە زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى داۋاملىق %1 ئىچىدە كونترول قىلىنىدىكەن. يىغىپ ساقلاش ھالقىسىدا، ھەرقايسى جايلار يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئامبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق زىياننى يەنىمۇ ئازايتتى.
ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېڭىز ئورنىدىكى يازلىق سۇغىرىش، يازلىق پەرۋىش جىددىي ئىشلەنمەكتە.
شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى دۇڭلېي خۇاڭخې دەرياسىدىن سۇ تارتىپ سۇغىرىش رايونىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆستەڭنى بويلاپ، خۇاڭخې دەرياسى سۈيى شىلدىرلاپ ئېتىزلارغا ئېقىپ كىردى. دۇڭلېي خۇاڭخې دەرياسىدىن سۇ تارتىپ سۇغىرىش رايونىدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇ باشلاش باشلىنىپ، 280 مىڭ مو قېتىم ئېتىز سۇغىرىلدى، يازلىق كۆممىقوناقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سۇغىرىلدى. دۇڭلېي خۇاڭخې دەرياسىدىن سۇ تارتىپ سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خۇەنشىن: «دەل يازلىق كۆممىقوناق مايسىسى ئۈنۈش مەزگىلى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاشتى. بىز ئىلمىي تەڭشەپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي سۇغىرىشقا تەشكىللەپ، سۇنىڭ ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى.
ھازىر، مەملىكەت بويىچە يازلىق سۇغىرىش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سۇ مەنبەسىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇغىرىش، زەي چىقىرىش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىلمىي سۇغىرىش ۋە ئېتىزلاردىكى ھۆللۈكنى چىقىرىۋېتىش، سۇ بېسىپ كېتىشنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
يازلىق پەرۋىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسى يۈەنجياڭ شەھىرى ساۋۋېي بازىرى شاڭماتوۋ كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى جوۋ بو شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى يوللىغان ھاشارات ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى پات-پات تاپشۇرۇۋالاتتى. دىت-دىت قىلغان ئاۋاز بىلەن جوۋ بونىڭ يان تېلېفونى يەنە سايرىدى: «يوپۇرماق پۈرلەشتۈرگۈچى شال كېپىنىكى، شال پىتى، قۇرۇپ كېتىش كېسىلى قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىڭلار». يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇ يان تېلېفونىنى يېنىك چېكىپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سۇغىرىشنى قوزغىتىپ، 400 مودىن ئارتۇق شاللىققا مۇددەتتىن بۇرۇن سۇ باشلاپ، شاللىقنى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.
جەنۇبتىن شىمالغىچە، پارچە-پارچە ئاشلىق ئېتىزلىرىدا مۇنبەت ئېتىز، سۈپەتلىك ئۇرۇق، ياخشى پۇرسەت، ياخشى ئۇسۇلدىن ئىبارەت «تۆتتە ياخشى بولۇش» يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى مول ھوسۇل مەنزىرىسى تەپسىلىي نامايان بولماقتا.