2025-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى بۈگۈن باشلاندى

2025.06.26 14:02 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ رۈي) «ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» باش تېما قىلىنغان 2025-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ: تاۋار سودا يەرمەنكىسى دېيىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئىچى-سىرتى يەرمەنكە رايونى تەسىس قىلىنىپ، «1+10+N » كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىجادىي قوللىنىلدى. ئېفىيوپىيە، زامبىيە قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم يەرمەنكىگە قاتناشتى، 27 دۆلەت دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيىنى كۆڭۈل قويۇپ قۇردى.

دىققەت شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈلدى. ھەربىر كەسىپ توپىغا بىر مەخسۇس تېمىلىق ساراي تەسىس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەقەملىك ئىقتىساد، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر پائال كىرگۈزۈلۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، بىيونىكىلىق ماشىنا ئادەم، مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى.

خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى ۋە كۆرگەزمە كۆلىمى تېز ئۆرلىدى. 50 دۆلەت ۋە رايون ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن كەلگەن 1800 دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانا مىڭدىن ئاشتى.

چېگرا ئىچىدىكى تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كەسىپ بايلىقىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا يەرمەنكىسىدە 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش، كېڭىشىش، نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

(جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى جۇڭگو − ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ