مەركەز 2 مىليارد 718 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بەردى

2025.06.24 14:51 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مەركەز خامچوتىدىن 2 مىليارد 718 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭدىكى 89 شەھەر-بازاردىكى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەركەز مەبلىغى ئاساسلىقى شەھەر-بازارلاردىكى 1364 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىپ، 332 مىڭ ئاھالە نەپكە ئېرىشىدىكەن؛ كەپىلىك رايوندىكى 13 مىڭ 49 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، 13 مىڭ ئاھالە نەپكە ئېرىشىدىكەن؛ ئۆزگەرتىش مەزمۇنى يېقىلغۇ گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، شۇنداقلا مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت تەنتەربىيە، ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلىنىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ