مۇخبىرلىرىمىز تيەن خۇڭ، ۋاڭ يىنشىن خەۋىرى
شاڭخەي ياڭشەن پورتىدا، لىق يۈك ساندۇقى قاچىلانغان غايەت زور پاراخوت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈرۈپ كەتتى؛ لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدە، دومىلىما سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى؛ شۈخۇي رايونىنىڭ «تەقلىدىي سۈرئەت بوشلۇقى» چوڭ ئەندىزىلىك ئىجادىي ئېكولوگىيە مەھەللىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۇچقۇنلىرى ئۈزلۈكسىز چاقنىدى...
شاڭخەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا، سۇ تىرانسپورتى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
2023-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«‹بەش مەركەز› قۇرۇشنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيگە يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچ. شاڭخەي بۇنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك.»
شاڭخەي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا كۈچ قوشۇشتىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى.
خەلقئارا ئالىي ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش −
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئەنگلىيە جىلى مۈشۈك يۇڭلۇق ئويۇنچۇق شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئىمپورت ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىدى. جىلى مۈشۈك شىركىتىنىڭ سېتىشنى يۈرۈشتۈرۈش باش نازارەتچىسى كۇڭ يىڭ مۇنداق دېدى:«شاڭخەي تاموژنىسى ۋە سودا تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشغۇلاتىنىڭ نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە تۇنجى سېتىلىدىغان كۆپ قىسىم تاۋارلار ئوڭۇشلۇق يېتىپ كېلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى. بۇ، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۇنجى ئېلان قىلىنغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى شاڭخەيگە ئېلىپ كېلىش، جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.»
تۇنجى ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەي مەملىكەت بويىچە تۇنجى «ئاق تىزىملىك + پەرقلىق لاياقەتلىك باھالاپ بېكىتىش»تىن ئىبارەت تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تۇنجى ئىمپورت ئىستېمال بۇيۇملىرىنى «تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» بىلەن «زەخىمسىز تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، دۆلەت ھالقىغان 14 ماركىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق پۈتۈن يەرشارى ھەم رايون بويىچە تۇنجى ئېلان قىلىنغان يېڭى مەھسۇلات ئاق تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شاڭخەيدە 301 تۇنجى دۇكان يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن يەر شارى ھەم ئاسىيادىكى تۇنجى دۇكان قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى تۇنجى دۇكانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %16 بولدى.
ئىسلاھات ئارقىلىق ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلدى. شاڭخەي ھەر تەرەپلىمە، زور سالماق بىلەن تۇنجى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىسلاھات، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشكە قاتنىشىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى قۇرۇلغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆرنەك مىسالىدىن 138نى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىجادىي ئۆرنەك مىسالى 70كە يېتىدۇ. پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا 175 دۆلەت ۋە رايوندىكى 28 مىڭ تاشقى مەبلەغ كارخانىسى توپلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەخمىنەن 350ى بۇ يەرگە مەبلەغ سالدى. 2024-يىلى، شاڭخەيدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تاشقى مەبلەغ كارخانىسى 6000غا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 17 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش كۆلىمى يۇقىرى پەللىنى ساقلىدى.
سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەش مەركەز»نىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىي قىلىشى، ئۆزئارا كۈچ قوشۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش −
گۈدۈك ساداسى ئىچىدە، تاشقى سودىدىكى «يېڭى ئۈچ مەھسۇلات» لىق قاچىلانغان غايەت زور پاراخوتلار شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، مەملىكەت سىرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شاڭخەيدە بارلىققا كەلگەن مەملىكەت بويىچە تۇنجى سۇ تىرانسپورتى ئارقىلىق يىغىپ توشۇلغان كۆرسەتكۈچلۈك زاكاز مال (ياۋروپا لىنىيەسى)لار بۇ غايەت زور پاراخوتلارنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ ئىككى يىل بولمايلا، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە پۈتۈشۈش مىقدارى 132 مىڭ 800 قول، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يۈرۈشۈش سوممىسى 11 مىليارد 465 مىليون يۈەن، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئامباردا ساقلاش مىقدارى 83 مىڭ 500 قول بولۇپ، پۈتۈشۈش مىقدارى ۋە جانلىنىش دەرىجىسى چېگرا سىرتىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.
شاڭخەي خۇەنشى ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لىن جيې مۇنداق دېدى: «سۇ تىرانسپورتىنىڭ توشۇش باھاسىدا داۋالغۇش چوڭ، خەۋپ-خەتەر يۇقىرى، كۆرسەتكۈچلۈك زاكاز مالنى يىغىپ توشۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سۇ تىرانسپورتى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش قورالىغا ئىگە بولدى.»
كۆرسەتكۈچلۈك (ياۋروپا لىنىيەسى) قەرەللىك مالنى يىغىپ توشۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شاڭخەي خەلقئارا قايتا سۇغۇرتا مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزى، سودا مەركىزى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەركىزى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قاتناشتى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 22 تەكرار سۇغۇرتا تىجارەت مەركىزى ۋە تەكرار سۇغۇرتا شۆبە شىركىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار شاڭخەي لىنگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىدا تەكرار سۇغۇرتا تارماق ئاپپاراتى تەسىس قىلدى، شاڭخەي خەلقئارا تەكرار سۇغۇرتا تىزىملاش سودا مەركىزى تاماملىغان تەكرار سۇغۇرتا ھەققى سودىسى 1 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولدى.
شاڭخەي سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئىسلاھاتنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بەش مەركەز» قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. 2024-يىلى، شاڭخەينىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 270 مىليارد يۈەنگە يەتتى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى % 8.2 ئاشتى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى رەت تەرتىپى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىدى، شاڭخەي پورتىنىڭ يىللىق يۈك ساندۇق كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 50 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇقتىن ئاشتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يەرشارى بويىچە بىرىنچى چاسا سەپ قاتارىغا كىردى.
شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شاڭخەي سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹بەش مەركەز› قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى، سۇپا ئۈنۈمى، چوڭايتىش ئۈنۈمى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى سىجىل كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى لايىھەلەش، تۈزۈم بىلەن تەمىنلەش، سىياسەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ سىستېمىلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ شەھەرنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»