ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن جۇڭگوغا كېلەمدۇ-يوق؟ جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2025.06.24 14:54 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى موسكۋاغا يېتىپ بارغان، ئۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتار سۆھبەتلىشىدىكەن ھەمدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئەمدى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇڭگوغا كېلەمدۇ؟ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەمىنلىيەلەيدىغان خەۋىرى بارمۇ؟

گو جياكۇن: جۇڭگو تەرەپ ئىران ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ