تېز يوللانما قىسقا ئۇچۇرىدا ئالدامچىلىق بار، ساقچى تەرەپ ناتونۇش تېلېفونغا ھەرگىز قايتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى

2025.06.24 14:53 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان كۆپ قېتىملىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىدا، ئالاقىدارلارنىڭ ھەممىسى تېز يوللانما ئېلىش قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېز يوللانمىنى تاپالماي تېلېفون قايتۇرغاندا ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەن، بەزىلىرى ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن زىيان تارتقان. ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر سىز تېز يوللانما ئېلىش قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، پوسۇلكا ئېلىشتا نورمالسىزلىقنى بايقىسىڭىز، چوقۇم ئالدى بىلەن ئورگان تەرەپ Appسى ياكى تور بېكىتى ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ياكى مال سېتىۋېلىش سۇپىسى ئارقىلىق ئورگان تەرەپ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ، قىسقا ئۇچۇردىكى ناتونۇش تېلېفونغا ئاسانلىقچە تېلېفون قايتۇرماڭ! بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە شۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ۋېيشىن جىفۇ، جىفۇباۋ، دوۋيىندا تىزىمغا ئالدۇرغاندا، سىز ئاپتوماتىك ھالدا مىليون يۈەنلىك كاپالەت مۇلازىمىتىنى ھەقسىز ئاچىسىز، بۇ كەسىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئۇنىڭدا قەرەل توشۇش ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس، ھەق تاپشۇرۇپ داۋاملىق سۇغۇرتىلىتىشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئالدامچىلار مىليون يۈەنلىك كاپالەت مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ھەق تۆلەشنى ئېيتسىلا، بۇ چوقۇم ئالدامچىلىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ