تاڭلەيچۈ دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى
كۆل سۈيى جىمىرلاپ، قومۇشلار سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. يىنچۈەن تۈزلەڭلىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئېرىق-ئۆستەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، كۆللەر شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان، شۇڭا ئەزەلدىن «شەھەردىكى بىر كۆل شەھەرنىڭ يېرىم مەنزىرىسى» دېگەن گۈزەل نامى بار. بۇ يەردە يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، لېكىن 200 گە يېقىن تەبىئىي كۆل، سازلىق، سۇلۇق يەر بار. 2018-يىلى، يىنچۈەن شەھىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى «خەلقئارا سۇلۇق يەر شەھىرى» بولۇپ باھالاندى، شۇنداقلا غەربىي شىمال رايونىدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، يىنچۈەن شەھىرىدە جەمئىي سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 53 مىڭ 100 گېكتار بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن بەشى بار.
شىمالدىكى كۆل شەھىرى، گۈزەل يىنچۈەن. خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى
ئىلگىرى، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم دەريا، كۆل، سۇلۇق يەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىنچۈەن شەھىرى «شەھەر بىلەن كۆل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كۆل، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دەريا-كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاسىلىي سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىش، سۇلۇق يەر بايلىقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى. (جاۋ ۋېنرۈي، كۇەن رۇڭ، مۇ گوخۇ، لياڭ خۇڭشىن، گاۋ جياۋېي، جوۋ خاڭ)
يىنچۈەن شەھىرىدىكى باۋخۇ باغچىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر .خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى
يىنچۈەن شەھىرىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كۆللەرگە بوشلۇقتىن نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى
يىنچۈەن شەھىرى يۆخەي دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى