سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى بىر چېركاۋدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
2025.06.23 15:12 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر ئەر سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پارتلاش يۈز بەرگەن چېركاۋ ئىچىدە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى.
سۈرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر چېركاۋدا شۇ كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، 25 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ