ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى
«مەھەللىدە ئاپتوموبىللار خالىغانچە توختىتىش، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق»، «ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسىمۇ، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ ھەل قىلماسلىق» ... يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن شەھىرى خۇڭزې رايونى گاۋلياڭجيەن كوچا باشقارمىسى بېيجىڭ يولى ئولتۇراق رايونىدا، كادىرلار نۇقتىدا تۇرۇپ ئىش بېجىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
خۇڭزې رايونى «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىلەرنى توپلاش، ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش، قايتما ئىنكاس قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قوش تاپشۇرۇش، قوش باھالاش»تىن ئىبارەت باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نۇقتىدا تۇرۇشلۇق تارماقلارنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كوچا باشقارمىلىرىنىڭ باھالىشىغا، مەھەللىلەرنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئاھالىلەرنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرۇپ، ئاممىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسى مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەرزىيەت ئارقىلىق ئىنكاس قىلىش قاتارلىق يوللاردىن تولۇق پايدىلاندى ھەم ئاممىنى قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشتا ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.
يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرىنىڭ «خەلق شەھىرىگە چۆككۈچى خادىملار» كوللېكتىپى چىرۇي ئاپتوموبىل شەھەرچىسىنىڭ شىمالىي بازىسىغا كېلىپ، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىگىلەپ، مەسىلىنى ئالاقىدار تارماقلارغا قايتما ئىنكاس قىلدى. ناھايىتى تېزلا، ئاپتوموبىل يولىنى كۆپەيتىش، يۈرۈشكە چەك قويۇش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىر مەيدان يول قاتنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ شىمالىي يول بۆلىكىدە ئەتىگەن-كەچتىكى قاتناش بېسىق مەزگىلدىكى بېرىش-كېلىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا قىسقاردى.
ۋۇخۇ شەھىرى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش تەربىيەسىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تۇتۇپ، «خەلق شەھىرىگە چۆككۈچى خادىملار»نى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋۇخۇ شەھىرى دىققەتنى شەھەر قۇرۇلۇشى، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى قاتارلىق «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشىدىن 178 نۇقتىلىق تۈرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
نەق مەيداندا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا، بەزى نازارەتچىلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى:«ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرىنىڭ تازىلىق ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشى تەس، شۇڭا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ‹دۇكان تەكشۈرۈش› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكمۇ-يوق؟» جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلدى.
خۇجوۋ شەھىرى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشنى ئەستايىدىل پۇختا تۇتۇپ، نازارەت قىلغۇچى خادىملارنى نەق مەيداندا قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسى، مەھەللە زىيارىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلاپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى يېڭىدىن كۆپەيتىش ياكى ئۆزگەرتىش، مەھەللىلەردە توكسىكلىتلارغا مەركەزلىك توك قاچىلاش-توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش قاتارلىق 75 تۈرنى شەھەر مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ «بەخت تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى ھەم ئالغا سىلجىتىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا شەھەر ئاھالىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئىستىل مەسىلىسىنىڭ يادروسى پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر. ھەرقايسى جايلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا تەشكىللىدى.
«ئەسلىدە ئەتىگىچە ساقلايمەنمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈنۈمىنىڭ بۇنچە يۇقىرى بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.» ئالدىنقى مەزگىلدە، بىر كارخانا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى خۇاڭپۇ رايونىدا شۆبە شىركەت قۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ماتېرىياللارنى دەماللىققا تولۇق تەييارلاپ بولالمىغان. خۇاڭپۇ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دەرھال «كارخانىلار يولىنى راۋانلاشتۇرۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، «باش مۇلازىمەتچى خادىم» ماتېرىيال تولدۇرۇشقا پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، «ۋەدە تۈزۈمى بويىچە ئىشەنچ بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» شەكلىدە، كارخانىنىڭ قۇرۇش رەسمىيىتىنى شۇ كۈنىلا بېجىرىپ بولۇشىغا ياردەم بەردى.
سودا ئىشلىرىنى تىزىملاشتىكى «مۇرەككەپ، قىيىن، چېگىش مەسىلە»گە قارىتا، خۇاڭپۇ رايونى «كارخانىلار يولىنى راۋانلاشتۇرۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، «مەخسۇس مۇلازىمەت كۆزنىكى» ۋە «باش مۇلازىمەتچى خادىم» تەسىس قىلىپ، مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى مەخسۇس ئادەم ياردەم بېرىپ بېجىرىش، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئىشلارنى تولۇق رەسمىيەتسىز تېز بېجىرىش، جىددىي ئىشلارنى ۋاقتىدا ئالاھىدە بېجىرىش، قېپقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس بەنزە ئەگىشىپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.
ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇردى
يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى يۇڭشىن ناھىيەسى بۇچيەن بازىرى ۋېنتيەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىكى سۇغىرىش ئۆستىڭىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بازار، كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار دەرھال نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنى تەشكىللىدى.
يۇڭشىن ناھىيەسى «مىڭ پارتىيەلىك كادىرنى دائىرىگە كىرگۈزۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «خەلق ساداسى يېرىم ئايلىق سۆھبەت» ئاھالىلەر كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، «توردا + تور سىرتىدا» ئىستېرېئولۇق خەلق ئەھۋالىنى توپلاش تورى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق پىكىر-تەكلىپىنى توپلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىدىن 1260 نى ھەل قىلدى.
«ئۆي كىنىشكىسىنى ئاخىر ئالدىم» گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجوۋ شەھىرى سېنشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تارىختىن قېپقالغان كۆچمەس مۈلۈك مەسىلىلىرى مەخسۇس كۆزنىكى ئالدىدا، جىنفاڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۆي ئىگىسى چېن ئەپەندى يېپيېڭى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالغاندا، ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئۆگىنىش، تەربىيە مەزگىلىدە، سېنشى شەھىرى مەخسۇس سىنىپ تەشكىللەپ، كۆچمەس مۈلۈكنى «تىزىملاش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەسلىك قاتارلىق «ئىگىسىز تۈر»لەرگە قارىتا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلدى؛«كىنىشكا كەمچىل» تۈرلەرگە قارىتا، تۆت تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق مۇھىم شەرتنى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش؛ پىلانلاش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى «بوغۇق» تۈرلەرگە قارىتا، ئايرىم دېلونى ئايرىم ھەل قىلىش، بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىدىن 1020 سى تارقىتىلدى.
يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرى جەنيى رايونى لىڭجياۋ يېزىسى دامەيدىدىن داچياۋفېنغىچە بولغان يولدا بۇزۇلۇش ئەھۋالى ساقلانغاچقا، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.«چارلاپ تەكشۈرۈش باشلانغاندىن تارتىپ رەسمىي ئىش باشلاشقىچە پەقەت ئۈچ كۈنلا ۋاقىت كەتتى» دېدى كەنت ئاھالىسى شۈ داۋفۇ.
چۈجىڭ شەھىرى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ھەمدە قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، تەدبىرى كۈچلۈك بولمىغان، ئالغا سىلجىتىشى ئاستا بولغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەسكەرتىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى نەتىجە ـ ئۈنۈم تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.