گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ليۇ شىنيەن، جېڭ ياڭياڭ خەۋىرى
سەنشىنىڭ داتۇڭ شەھىرىدىكى تاشەن توك تارقىتىش شىركىتىنىڭ سۇپىسىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالغاندا، بوشلۇققا سوزۇلغان بىر «كارىدورلۇق كۆۋرۈك» كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بۇنىڭ بىر تەرىپى كېڭكوۋ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يەنە بىر تەرىپى تاشەن كۆمۈر كېنىغا تۇتىشىدۇ. تاشەن توك تارقىتىش شىركىتى يېقىلغۇ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋۇ سىتۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر كېلىدىغان يېپىق شەكىلدىكى كۆمۈر يەتكۈزۈش تاسمىسى بولۇپ، كۆمۈرنى ئۆز جايىدا پاكىز ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنى بىرلەشتۈرۈپ تىجارەتكە سېلىش ئارقىلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى، كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش ئارقىلىق، كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنىڭ تولۇق يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»
2024-يىلى 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى:«كۆمۈر، سىرەك توپا قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، سەنشى «قوش كاربون» نىشانىنى كۆزلەپ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ئېنېرگىيە تەرەققىيات يولىنى بېكىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، سەنشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بولۇپ، يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.
ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى −
سەنشىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، كۆمۈر، ئوت ئېلېكتىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، بىخەتەرلىككە تىرەك بولۇش ئىقتىدارىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سەنشى كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىنى چوڭقۇر تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، توك ئىشلىتىش تۆۋەن پەللىسىدە «چىقىرىش»قا، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە «تاقابىل تۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خۇاديەن سەنشى شوجوۋ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر شۆبە شىركىتىدە «20 مېگاۋات ۋاقىتلىق يېڭى تىپتىكى تولدۇرۇش ئىستانوكىدا ئىسسىقلىق ساقلاش سىستېمىسى» يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش قۇرۇلمىسىغا ياردەم بېرىپ، توك ئىشلىتىش تۆۋەن پەللىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلىدى، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە ئاندىن ساقلاش ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىرى سۈن جياچۈەن مۇنداق دېدى: «گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش سۈرئىتى ئۆستۈرۈلدى.»
5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سەنشى ئېلېكتىر تورى 35 مىليون 610 مىڭ كىلوۋاتلىق ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، يۇقىرى پەللىنى چوڭقۇر تەڭشەش ئىقتىدارىنى 6 مىليون 110 مىڭ كىلوۋات ئاشۇردى، پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن 9 مىليارد كىلوۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.
ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى −
يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ «داۋالغۇشچانلىق»ىغا قارىتا، سەنشى ئۆلكىسى كۆمۈر ئېلېكتىر ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەسى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
شوجوۋ شەھىرى پىڭلۇ رايونى خۇتوۋشەندە، 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قاتار-قاتار چاقپەلەك قاناتلىرى شامالغا ئەگىشىپ ئايلىنىپ، شامال يېشىل توكقا ئايلىنىپ، 500 كىلوۋولتلۇق مىڭخەيخۇ تىرانسفورموتور پونكىتى ئوت ئېلېكتىر، ئېنېرگىيە ساقلاش بىلەن «تۇتاشتۇرۇلغاندىن» كېيىن، يەنخۇەي تۇراقلىق توك ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يولى ئارقىلىق چاڭجياڭ دېلتىسىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يەنمېنگۇەن توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا، 24 چوڭ تىپتىكى توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى توختىماي گۈرۈلدىدى. ئۇزۇنلۇقى 1119 كىلومېتىر كېلىدىغان «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» ئەڭ چوڭ تولۇق قۇۋۋىتى 8 مىليون كىلوۋاتلىق يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق سەنشىنىڭ پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى جياڭسۇغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى ھەمتۈرتكە قىلىش، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان قىلىش——
دۆلەت ئېلېكتىر تورى سەنشى ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئېلېكتىر كۈچى نەق مال باھاسى چوڭ ئېكرانىدا، سانلىق مەلۇمات ئەگرى سىزىقى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ.
كۈندۈزى، مەنزىرە بايلىقى يېتەرلىك بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش كۈچى بىرقەدەر زور، نەق مال بازىرىدىكى توك باھاسى تۆۋەن، ئوت ئېلېكتىر كارخانىلىرى توك چىقىرىش كۈچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىشقا بازار بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، نەق مال بازىرىدىكى توك باھاسى ئۆرلەپ، ئوت ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىدە توك تارقىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سەنشى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىنلەش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى داۋاملىق بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بىلەن زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ» دېدى سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ دېڭجيې.