6-ئاينىڭ 22-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىراننىڭ فوردو، ناتانز، ئىسفاھاندىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. جۇڭگو تەرەپ توقۇنۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇشنى تېزدىن توختىتىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشنى باشلاشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.