40 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدىغان بولدى!

2025.06.23 15:10 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش، قارا يامغۇردىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 6 دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى:

مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزى، بېيجىڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تيەنجىننىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 36 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن 39 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ