مۇخبىرلىرىمىز جاۋ شياۋشى، تيەن دوۋ
داۋۇشەن تېغى ئېتىكىدە تومۇز ئىسسىقى ناھايىتى قاتتىق ئىدى. 80 ياشلىق بىر بوۋاي خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياۋگەن شەھىرى داۋۇ ناھىيەسى فاڭفەن بازىرى بەيشۇۋەن كەنتىگە كېلىپ، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بىر ئاددىي ئۆينىڭ ئالدىدا توختاپ تەپسىلىي سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن:«بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانام تۇرغان ئۆي» دېدى. بوۋاينىڭ ئىسمى رېن چۈەنشېڭ بولۇپ، يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن جىبىننىڭ ئوغلى ئىدى. رېن چۈەنشېڭ يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كونا ئورنىدىكى خىش تامنى سىلاپ تۇرۇپ، ئاستا-ئاستا ماڭدى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى داۋۇشەن تېغى ئېتىكىدىكى بەيگوشۇۋەنگە كىرىپ ئورۇنلاشقان. شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتۈن مىللەت جاسارەت بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان يىللاردا، داۋۇشەن تېغىنىڭ ھېكايىسى قانات يايدۇرۇلۇشقا باشلىغان...
كونا سۈرەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە
رېن چۈەنشېڭ شۇ جايدىكى يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسى خاتىرە سارىيىدىكى نۇرغۇن كونا سۈرەتلەرنى بەش قولدەك بىلەتتى.
خاتىرە سارىيىدا بىر كىچىك جەڭچىنىڭ ئامېرىكا مۇخبىرى سىمېدلېي بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ساقلانغانىدى. كىچىك جەڭچىنىڭ ئىسمى شېڭ گوخۇا بولۇپ، شۇ چاغدا ئارانلا 12-11 ياش ئىدى. سىمېدلى شېڭ گوخۇانى بېقىۋېلىپ مەكتەپتە ئوقۇتماقچى بولۇپ، شېڭ گوخۇادىن سورىغاندا، شېڭ گوخۇا: «بارلىق جەڭچىلەر جەزمەن ئالدىنقى سەپتە قېلىشى كېرەك. دۈشمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، بىز جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەپسۇسلىنارلىقى، شېڭ گوخۇا كېيىن جەڭدە قۇربان بولۇپ، خاتىرجەم مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئاشۇ كۈننى كۈتەلمىدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ 5-شىسىدا 13 مىڭ 200 ئادەم تالاپەتكە ئۇچراپ، داۋۇنىڭ تاغلار ئارىسىدا باتۇرانە، مەردانە ھېكايىلەرنى قالدۇردى.
رېن چۈەنشېڭ جياڭجيالوۋدىكى يىغىن ئېچىلغان كونا جاي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە سۈرەت ئالدىغا كېلىپ قەدىمىنى توختاتتى. 1943-يىلىنىڭ بېشىدا، خۇبېي-خېنەن چېگرا رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى داۋۇشەندىكى جياڭجيالوۋدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان جەڭچىلەرنىڭ ئاتلىرى جىلغىنى بويلاپ ئىككى چاقىرىم يولغا باغلاندى. شۇ چاغدا قېلىن قار ياغقان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان جەڭچىلەر ئوتۇن-ياغاچلارنى يەرگە يايغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ئىسىنىشتى. بۇنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان يۇرتداشلار بەس-بەستە ئۆي ۋە دۇكانلارنى بوشىتىپ، جەڭچىلەرگە كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپىرىپ بەردى.
كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، باھار بايرىمى ھارپىسى يۇرتداشلار ئۇخلاۋاتقاندا، يېڭى 4-ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەربىر ئائىلىگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىر باغلامدىن ئوتۇن تەييارلاپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىككە يانتۇ يۆلەپ، قىزىل قەغەز بىلەن بىر پارچە كۈمۈش تەڭگىنى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. باھار بايرىمىنىڭ 1-كۈنى، يېڭى 4-ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلار تۇخۇم، سۈرلەنگەن گۆش، نيەنگاۋ قاتارلىق نەرسىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
داۋۇ ناھىيەسىدىكى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسىنىڭ جەڭچىلىرى كۈندۈزى بوش ۋاقىتلىرىدا يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە، كەچتە يۇرتداشلار بىلەن بىللە يېتىپ قوپتى. «يۇرتداشلار ئىچكىرىكى ئۆيدە يېتىپ، تۆر ئۆينى جەڭچىلەرنىڭ تۇرۇشىغا بىكارلاپ بەردى» دېدى رېن چۈەنشېڭ.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ 5-شىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 150 مىڭ كىشىلىك ياپون ئارمىيەسى ۋە 80 مىڭدىن ئارتۇق قورچاق ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىغا توسۇپ زەربە بەردى، ياپونىيە ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەگە قارىتىلغان ئاساسلىق جەڭ 1260 نەچچە قېتىمغا يېتىپ، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 43 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى. 1945-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسىنىڭ جەڭچىلىرى ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى!
داۋۇ ناھىيەلىك ئارخىپخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يېمىڭ مۇنداق دېدى:«ئەپسۇس، 5-شىنىڭ نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللىرى ئۇرۇش يىللىرىدا يوقاپ كەتكەن. يېڭى 4-ئارمىيە 5-شىسىنىڭ داۋۇشەندىكى تارىخىنى تېخىمۇ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىللاردا خىزمەتچىلەر تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ماتېرىيال توپلىدى. نۆۋەتتە، داۋۇ ناھىيەلىك ئارخىپخانىدا ئالاقىدار ھۆججەت-ماتېرىيال، ئەسلىمە، تارىخىي سۈرەت، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق 2000 پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال ساقلانماقتا».
داۋۇشەننىڭ كۈرەش ھېكايىسى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئەستە ساقلانماقتا.
چۈشەندۈرگۈچىنىڭ نەزەرىدىكى ۋارىسلىق قىلىش
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، داۋۇ ناھىيەسى چۈەنشۈي تەجرىبە مەكتىپىنىڭ دەرس ئارىلىقىدا قوڭغۇراق چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە سىنىپتىن چىقتى. ناھايىتى تېزلا، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان قىزىل كارىدورغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلدى، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆرگەزمە تاختىسىغا تارىخىي سۈرەتلەر ۋە قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرى چاپلانغانىدى. 6-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ زىيى مۇنداق دېدى:«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئائىت نۇرغۇن ھېكايىلەر داۋۇدا يۈز بەرگەچكە، مەن قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىگەندە، ئانچە ناتونۇش ھېس قىلمىدىم. ئۇلار بىزنىڭ يېنىمىزدىلا.» ۋۇ زىيى بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:«مېنىڭ كېيىن چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، ‹مەشئەل بوۋا›غا ئوخشاش قىزىل ھېكايىنى داۋاملاشتۇرغۇم بار.»
«مەشئەل بوۋا»نىڭ ئىسمى چېن يىۋەن بولۇپ، ئىلگىرى داۋۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئىزچىل قىزىل ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلىپ سۆزلىگەن. چېن يىۋەن خاتىرە رەتلەش، كىتاب يېزىش، دەرسلىك تۈزۈش، ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە ئېلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، 100 مەيداندىن ئارتۇق قىزىل تەربىيە لېكسىيەسىنى قانات يايدۇردى، 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈرنى قاپلىغان. چېن يىۋەن مۇنداق دېدى:«بىر ئىشنى ياخشى قىلىش تەس ئەمەس، قىيىن بولغىنى بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. مەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولىمەن.»
بېيىش يولى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
بەيگوشۇۋەن كەنتىدىكى بىر بوۋاي مۇنداق دېدى:«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، تاغ ئارىسىدىن تاغ سىرتىغا چىقىش ئۈچۈن بىر كۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.» كەنت ئاھالىسى لى لىڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 30 يىل ئىلگىرى، بۇ يەرگە تۇتىشىدىغان كەنت يولى «تاختاي يېيىتىلغان يول» ئىكەنتۇق.
ھازىر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتىدىن بەيشۇۋەن كەنتىگە ئاپتوموبىل بىلەن يېرىم سائەتلا بارغىلى بولىدۇ؛ كەنت سىرتىدىن سىلىڭبۇغا تۇتىشىدىغان يولمۇ ئاسفالتلاشتۇرۇلدى. بەيگوشۇۋەن كەنتىنىڭ قىزىل بايلىقىغا تايىنىپ، لى لىڭ بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدى. ھازىرقى تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنغاندا، لى لىڭ ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«چوڭ قىزىم خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى بولۇۋاتىدۇ، ئەڭ كىچىك بالام داشۆنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. كەنتتە چاي زاۋۇتى بار بولدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بار بولدى، ساياھەتچىلىك بار بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.»
داۋۇشەندە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، خې يەنمۇ يېڭى پىلان ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«كېيىنكى قەدەمدە قىزىل ساياھەتكە بىرلەشتۈرۈپ پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز، لېكىن يەنە ئالدى بىلەن سىياسەت، بازار ئەھۋالى ۋە ئورۇننى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىم.»
1998-يىلى رېن جىبىن ۋاپات بولدى. دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، رېن چۈەنشېڭ ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى داۋۇشەن تېغىغا چاچتى. رېن چۈەنشىڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يەردىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ، ئەگەر دادام بىلەن سەپداشلىرى بۇنى كۆرەلىگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە!» خې يەن مۇنداق دېدى:«داۋۇشەن تېغى ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىغا، شۇنداقلا بىزنىڭ كۈرەش ھېكايىمىزگە گۇۋاھچى بولماقتا، ئۇلار ‹كۆرەلەيدۇ›، بىزمۇ شۇنداق قىلالايمىز.»