سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار پېنسىيە يېشىغا توشماي تۇرۇپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتسە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى قانداق قىلىنىدۇ؟

2025.06.20 15:48 مەنبە: خەلق تورى

ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئۆلۈپ كەتسە، شەخسىي ھېسابات قالدۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ، ۋارىسلىق قىسمىغا باج تاپشۇرۇش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى دەپنە ياردەم پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى ئالسا بولىدۇ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ