26.7 توننا زەھەر قولغا چۈشۈرۈلدى، «جۇڭگونىڭ 2024-يىللىق زەھەر ئەھۋالى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات» ئېلان قىلىندى

2025.06.20 15:47 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگونىڭ 2024-يىللىق زەھەر ئەھۋالى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلدى. 2024-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرى زەھەر جىنايىتى دېلوسىدىن 37 مىڭنى پاش قىلىپ، 62 مىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، 26.7 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، زەھەر چەككۈچىلەردىن 193 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، دېلو سانى ۋە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.9 ۋە %5.6 تۆۋەنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زەھەر ئەھۋالى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ