شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئەنگلىيەنىڭ «سىپېي» ناملىق قىرغاققا يېقىن چارلاش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى
شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ رۈنكې داشياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ «سىپېي» ناملىق قىرغاققا يېقىن چارلاش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ھەمدە ئاشكارا داۋراڭ سالدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئەسكىرىي كۈچ تەشكىللەپ پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلاپ، نازارەت قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.
ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى قانۇننى بۇرمىلىدى، كۆز بويامچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى قەستەن چاتاق چىقىرىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق تەھدىت ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي قارشى تۇردى.