ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | ئاقما لىنىيەدىكى ئوماق چۈجىلەر

2025.06.20 15:43 مەنبە: خەلق تورى

يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىۋاتقان زامانىۋى چۈجە چىقىرىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چۈجىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى يۇمشاق تىۋىت بىلەن تولغان، كۆزى سۈزۈك ھەم نۇرلۇق. تاللىغۇچىلار ھەر كۈنى ئاقما لىنىيەدىن «ساغلام چۈجە» ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەخمىنەن 200 مىڭ چۈجىنى تاللاپ چىقىدۇ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن باقمىچىلىق مەيدانىغا توشۇلىدۇ.

جىلىن ئۆلكىسى لىشۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان سىپىڭ يۈنكېن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئاق پەيلىك گۆش توخۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى. 2015-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، ھازىر نەسىللىك قۇش يېتىشتۈرۈش، تاۋار توخۇ بېقىش، يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش، باقمىچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئۆي قۇشلىرى سويۇش، ئايرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى يەرلىك ئۈچۈن 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ