مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەگە مەركەزنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئۈچى داۋاملىق ئەۋەتىلىدۇ

2025.06.19 16:05 مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەگە مەركەزنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئۈچىنى داۋاملىق ئەۋەتىپ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى؛ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى؛ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسى قاتارلىق يەتتە جاي ۋە ئورۇندا ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئالدىنقى مەزگىلدە ئەۋەتىلگەن مەركەزنىڭ 3-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چيەنجياڭ شەھىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن خۇبېي شەھىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەڭشەلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ