يېقىندا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى باھا تۈرىنى تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇردى. ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش داۋالاش مۇلازىمىتى ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە كىرمەيدۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى باھا تۈرى ۋە باھا سەۋىيەسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ، شۇڭا ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش تۈرىدىكى باھا تۈرلىرىنىڭ پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسىدە ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش تۈرلىرىنىڭ باھاسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەيدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلمەيدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت باھا تۈرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت: تېخنىكىسى نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن، كىلىنىكىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان ھۆسن تۈزەش، شەكىل تۈزەش تۈرىگە قارىتا، «تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسى»دە مۇلازىمەت ھاسىلاتىغا ئاساسەن بىرتۇتاش نام بېرىلىدۇ؛ «چىراي ئويۇش»، «كورىيەچە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش» قاتارلىق نىسپىي ئابستراكت باھا تۈرلىرىگە قارىتا، «تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسى»دە نام بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.