يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى تېڭجوۋ شەھەرلىك گۇڭئەن تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى AI قورالىدىن پايدىلىنىپ «يەسلىدە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەردى» دېگەن تور پىتنە-پاساتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تورداش ليۇ XXنىڭ دىققەتنى تارتىش، ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، AI قورالىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم ئالاقە تورى سۇپىسىدا «يەسلىدە تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈزبەردى! ئوت يالقۇنى پەلەككە يەتتى، ئۈچ مىنۇتتا پۈتۈن بىنانى يۇتۇپ كەتتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ھەتتا، يەنە «ئارقا ئىشىك يولى ۋاقىتلىق دۆۋىلەپ قويۇلغان ئوقۇتۇش سايمانلىرى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالدى، 32 بالا ئۆز ئورنىدا دالدىلىنىشقا مەجبۇر بولدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دېرىزىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىنلا خەتەردىن قۇتۇلدى» دەپ ئىغۋا تارقاتقان، يەنە «بۇ يەسلى ئەڭ يېڭى ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن...» دېگەن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلچە پاكىت ئاساسى يوق ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان مەزمۇنلار. بۇ ساختا ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن توردا تېز تارقىلىپ، نۇرغۇن تورداشنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. تەۋەلىك رايوندىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ليۇ XXكە مەمۇرىي جازا بەردى.