ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىر يىل ئىشلەتمىسە، تازىلىمىسىمۇ بولامدۇ؟ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئايلىنىش جەريانىدا، سۈزگۈچ تور، ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسىگە كۆپ مىقداردىكى چاڭ-توزان دانچىلىرى يىغىلىۋالىدۇ، چاڭ-توزان كانىسى، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارمۇ چاڭ-توزاندا كۆپ مىقداردا كۆپىيىشى مۇمكىن. ئەگەر مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ مۇرەككەپ شامال يولى ئوخشاشلا چاڭ-توزان ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ «لاگىرى»غا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى قېتىم ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، بۇ چاڭ-توزان دانچىلىرى ۋە مىكرو ئورگانىزملار ئۆي ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىشپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا بىر يىل ئىشلەتمىگەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى قايتا ئېچىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى تازىلاش ياكى كەسپىي خادىملارغا تازىلاتقۇزۇش كېرەك.