خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى (CIPS) ئالتە تاشقى مەبلەغ ئاپپاراتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

2025.06.19 16:00 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى ( CIPS ) چېگرا ھالقىغان بانكا-كارخانا ھەمكارلىقى مەخسۇس پائالىيىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسى (CIPS) ئالتە تاشقى مەبلەغ ئاپپاراتى بىلەن بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تايلاند پەنگۇ بانكىسى بىلەن بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلارنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ستاندارت بانكىسى، ئافرىقا ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى، ئەبۇزەبى 1-بانكىسى، قىرغىزىستان ئېلدىك بانكىسى، داخۇابانكىسى CIPSنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىسىغا ئايلاندى، بۇ CIPS نىڭ چېگرا سىرتىدىكى چەت ئەل مەبلىغى بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىنگاپورنىڭ چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى مەركىزىنى قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ