ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرايلى

2025.06.19 15:54 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق «ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى شەكىللەندۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە، تۇنجى قېتىم «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ روھ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ يۈكسەك يىغىنچاقلىنىشىدۇر. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بۇ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىز «2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىش»، «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىللىق ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش»، «يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نۇقتىدىن «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئىگىلەپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا، پۇختا ئەمەلىيەت تۇپرىقىغا، كەڭ خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىردەك ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇش»، «ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماس قەدەمدە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش»، «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»، «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ پىرىنسىپال فاڭجېنىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا ئالاقىدىكى چىقىشىپ ئۆتۈش يولىغا پايدىلىق ئىلھام ئاتا قىلدى.

جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىن قارىغاندا، ھازىر جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىردەك تەرەققىيات-گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەممىسى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېمىسىغا دۇچ كەلمەكتە. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ ئالغا ئىنتىلىش قىياپىتى ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك 13 ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى بەرپا قىلىندى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى ... جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ تېخىمۇ كەڭ يولى تېپىپ چىقىلدى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىدىكى 55 ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 تۈرلۈك ھەمكارلىق نەتىجىسى ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى قاپلىغان بولۇپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، بۇ جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا جەزمەن يېڭى قۇۋۋەت قوشقۇسى.

بۈگۈنكى دۇنيادا يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئالماقتا. ئېچىۋېتىش ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش، ھەمكارلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ياكى قوشنىلىرىغا ئورا كولاش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى سىنىماقتا. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرگەن «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن بۇ دەۋر سوئالىغا بېرىلگەن كۈچلۈك جاۋاب بولۇپ، بىزگە پەقەت ئادىللىق، ھەققانىيلىق قەلبىمىزدىن تەۋرەنمىگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئورتاق پايدا ئېلىشلىك ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمىگەندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلھام بېغىشلىدى.

خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە ئۆزگەرگەنسېرى، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، دەۋر بىزنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاشقا شۇنچە چاقىرماقتا. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولغاندىلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە بولىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مەنپەئەت بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ!» جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، مائارىپ جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇشنى قارار قىلىشتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەش، كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 3000 تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەشكىچە... بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرگە ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى فاڭجېنى سىڭدۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سەمىمىي ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، دەل ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىمىزدۇر.

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، شۇنچە پۇختا ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ. ئاستانىدىن قايتا ئاتلىنىپ، «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر دوستانە ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولغاندىلا، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا يۈكسەلدۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتالايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ