پۇلنى قايتۇرۇۋېلىڭ! 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ!

2025.06.18 14:47 مەنبە: خەلق تورى

شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى يىللىق جەملەپ ھېسابلاپ مەلۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «چارە» دېيىلىدۇ)دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2024-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش خىزمىتى 2025-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

يىللىق جەملەپ ھېسابلاش دېگىنىمىز يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچى پۈتۈن يىلدا ئېرىشكەن مائاش، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى، قەلەم ھەققى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلاپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاپ چىقىپ، باج ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە باج قايتۇرۇش ياكى باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

«چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باج تاپشۇرغۇچى تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تاللاپ جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ: ئۆز ئالدىغا بېجىرىش؛ ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئورۇنلار ۋاكالىتەن بېجىرىش؛ باجغا چېتىشلىق كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلىش. باج تاپشۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APP سى، تور بېكىتى ئارقىلىق جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياكى باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ