بۈگۈن سەككىز ئۆلكىدە قارا يامغۇر ياغىدۇ

2025.06.18 14:49 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، غەربىي جەنۇب رايونىدىن خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى ئەتراپىغىچە كەڭ كۆلەمدە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. بۈگۈن سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋ، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن، شەنشى ۋە گۇاڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر قارا يامغۇر دەرىجىسىگە يېقىنلىشىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. يۇقىرىقى رايونلار قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئەگەشمە ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ