دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋاقتىنچە ئىران، ئىسرائىلىيەگە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى

2025.06.18 14:44 مەنبە: خەلق تورى

«كونسۇل بىۋاسىتە لىنىيەسى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان، ئىران ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قوزغىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن ۋە مۇرەككەپلەشكەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇل مەھكىمىسى ۋە جۇڭگونىڭ ئىران، ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئىران، ئىسرائىلىيەگە ۋاقتىنچە بارماسلىقنى، شۇ جايدىكى خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنى تېزدىن بىخەتەر رايونغا چېكىنىش ياكى يۆتكىلىشكە ئەسكەرتتى. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ھەمدە جۇڭگونىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئىران ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى: 110

ئىران داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى: 115

ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى: +98-9122176035

ئابباستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى: +98-9914240393

ئىسرائىلىيە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى: 100

ئىسرائىلىيە داۋالاش-جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى: 101

ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى: +972-3-5459520

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى (24 سائەت): +86-10-12308 ياكى +86-10-65612308

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ