ساۋ يۈ
يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، رايون، بايلىق، مېخانىزم قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك
«كەڭ ياشلارنىڭ غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرا لىنىيەسىگە 47 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاساسلىقى قىرغىز ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، 2022-يىلى 8-ئايدا قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشتىكى تۇنجى سىناق نۇقتا مەكتىپى بولۇپ تاللانغان. كەڭ ياشلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى، ئۆزلىرىمۇ چېنىقتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە چېگرا رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەم خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇل قۇرۇلۇش، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
«قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش» مەسىلىسىگە تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك. مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. پامىر ئېگىزلىكىدىكى «ئات ئۈستىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ»تىن يۈننەننىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى «بۇلۇت دەرسخانىسى»غىچە، گۇاڭشى چۇڭزودىكى «ئەسكەر ئوقۇتقۇچىلار» بايان قىلغان زويوۋجياڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن، ئىچكى موڭغۇل ئوردوس شەھىرىنىڭ «ئانار دانىسى ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى»، «3000 يېتىم بالىنى ئىچكى موڭغۇلغا كىرگۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشىغىچە بولغان جەرياندا بارلىققا كەلگەن تارىخىي قىزىق داستانلار ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى ... چېگرا رايونلار مائارىپتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدىكى، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلغاندىلا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى چېگرا رايوندىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرەلەيدۇ.
يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، رايون، بايلىق، مېخانىزم قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن رايون مائارىپى ئارىسىدىكى ماسلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو خەلق داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر چېگرا رايونغا يۈزلىنىپ «نىشانلىق تەربىيەلەش سىنىپى» ئېچىپ، چېگرا رايون ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ «قەھرىمان-نەمۇنىچىلار سىنىپى» ۋە «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىنىپى» قاتارلىق سىنىپلارنى ئىجادىي تەسىس قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچىنى زورايتتى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بويىچە «قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، گۇاڭشى مەۋقەنى چېگرا رايوننىڭ خاس كەسىپلىرىگە قويۇپ، يېزا-بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «مەكتەپكە كىرگەن ھامان خىزمەتكە ئېلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھامان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. يەنە رەقەم تېخنىكىسىنىڭ «چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش»ىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ جەھەتتە، شىزاڭنىڭ ناچۈ شەھىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاقىل مائارىپ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى ئېگىزلىكتىكى چەت، يىراق رايونلارنىڭ دەرسخانىلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى. ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرغاندا، چېگرا رايون مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
«ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. يۈننەن خۇڭخې خانىزۇ-يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خېكوۋ ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى رەتلەپ چىقىلغان 223 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن پايدىلىنىپ، سەنئەت پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزدى؛ ئىچكى موڭغۇل دارخان ماۋمىڭئەن بىرلەشمە خوشۇنى «ئانار دانىسى دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، «يايلاق ئاتلىق ئەترىتى»نىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، موڭغۇل، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى «چېگرا لىنىيەسىدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئاتلىسى»نى بىرلىكتە سىزىشقا تەشكىللىدى. دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئەمەلىيىتىدە، چېگرا رايوننىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈش «جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەربىر بالىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭدۈرۈش»كە پايدىلىق.
كەلگۈسىنى كۆزلەپ، مائارىپنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرغاندا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ.
( ئاپتور: جۇڭگو خەلق داشۆسى جەمئىيەتشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)