شىنجاڭدا 2025-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان تارماقلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئىمتىھانغا بىخەتەر بېرىشنى ئەسكەرتتى.
كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 10:30 دىن 13:00 كىچە ئەدەبىيات، 16:30 دىن 18:30 غىچە فىزىكا، خىمىيە (بىرلەشمە ئىمتىھان)؛ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:30 دىن 12:30 غىچە ماتېماتىكا، 16:30 دىن 18:30 غىچە ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تارىخ (بىرلەشمە ئىمتىھان)؛ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:30 دىن 12:30 غىچە چەت ئەل تىلى.