ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | «كۆۋرۈك» ئارقىلىق چۇڭچىڭنىڭ «كەلگۈسى تۇيغۇسى»نى كۆرۈش

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» چۇڭچىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.06.17 15:34 مەنبە: خەلق تورى

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى مەنزىرىسى. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، چوڭ دەريا، چوڭ كۆۋرۈك...يېقىندا، چۇڭچىڭ بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى ئۆزگىچە لايىھەسىگە تايىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر ياز كۈنلىرى ساياھەتكە چىققاندا بەس-بەستە بارىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى. ھەيۋەتلىك كۆۋرۈك مۇنارى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، كۈچلۈك «كەلگۈسى تۇيغۇسى»نى ھاسىل قىلدى.

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1384 مېتىر، ئاساسلىق ھالقىش ئارىلىقى 660 مېتىر. ئۇ بانەن رايونى بىلەن دادۇكوۋ رايونىنىڭ قاتنىشىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك كەلگۈسى تۇيغۇنىڭ ئېستېتىكا نامايەندىسى بولۇپلا قالماي، يەنە «كۆۋرۈك شەھىرى» چۇڭچىڭنىڭ سېھرى كۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، چۇڭچىڭدا مەركىزىي شەھەر رايونىدىلا يېڭىدىن قۇرۇلغان، داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان دەريا ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك 13 كە يەتكەن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە چۇڭچىڭ شەھىرىدە چوڭ-كىچىك كۆۋرۈكلەر 20 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجياڭ دەرياسى، جيالىڭجياڭ دەرياسىدىن ھالقىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك 100 دىن ئاشقان، پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكلەرنىڭ زىچلىقى پۈتۈن مەملىكەتتە ئاز ئۇچرايدىكەن. ھەربىر كۆۋرۈككە تەبىئىي توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەرەققىياتنى تۇتاشتۇرۇش بۇرچى يۈكلەنگەن، شۇنداقلا تاغلىق شەھەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

رەڭدار چىراغلار چاقناپ تۇرغان بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كۈچلۈك «كەلگۈسى تۇيغۇسى»غا ئىگە كۆۋرۈك مۇنارى. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

كۆۋرۈك بىلەن كەڭ دەريا يۈزى بىر-بىرىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى كۆۋرۈك مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 236 مېتىر كېلىدۇ. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مەنزىرىسى. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

بەيجۈسى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مەنزىرىسى. خەلق تورى زېڭ يىڭخاۋ فوتوسى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ