شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى «ئىسرائىلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى ئارقىلىق ئايلىنىپ ۋەتەنگە قايتىش ياكى چېگرادىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش»نى ئېلان قىلدى. ھازىر، ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى سىجىل كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، خەلق ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيانغا ئۇچرىدى، پۇقرالار ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇن جۇڭگو پۇقراسى تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ئايرودۇرۇمنىڭ قاچان ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى، خەيخاڭ ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى سورىدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ھاۋا تەۋەلىكى يەنىلا تاقاق ھالەتتە بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى جىددىي ھالەتنى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيە، مىسىر چېگراسىدىكى پورتلارنى تاقىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى ئارقىلىق چېگرادىن تېزرەك ئايرىلىشقا ئەسكەرتتى. ئىيوردانىيە يۆنىلىشىنى ئالدىن تاللاش تەكلىپىنى بەردى.