دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئىزچىل ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئەلىنىش يادرو ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى

2025.06.17 15:08 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بەزى مۇخبىرلار شىۋېتسىيە ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان دۇنياۋى يادرو كۈچى يىللىق دوكلاتى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

گو جياكۇن: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دوكلاتلارغا باھا بەرمەيدۇ. مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو ئىزچىل ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئەلىنىش يادرو ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، يادرو كۈچىنى باشتىن-ئاخىر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى. جۇڭگو ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يادرو قورالى يوق دۆلەت ۋە يادرو قورالى يوق رايونلارغا يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك ياكى يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتى سالماسلىققا شەرتسىز ۋەدە بەردى. جۇڭگو بۇ سىياسەتنى قوللانغان بىردىنبىر يادرو قورال دۆلىتى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يوللۇق بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ