ئىدارە تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى شەخسىي ھېساباتقا كىرگۈزۈلەمدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئورگان تەرەپ ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق جاۋاب بەردى.
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن بىرتۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ھېساباتنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇ پۇل ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى، ئۆتكۈنچى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلارنى تۆلەشكە ئىشلىتىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇ پۇل شەخسىي ھېساباتقا كىرگۈزۈلۈپ، شەخسىي ھېساباتقا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى تەكىتلىنىپ، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت ۋە مەسئۇلىيەت گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.