مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ يېقىندا 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى رايونلىرىدا ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشنى قوزغىتىش يىغىنى ئاچقان. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى كەسپى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2025-يىللىق ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى رايونلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تور سىستېمىسىغا چىقىپ ياكى «دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى» يان تېلېفون تېرمىنالىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قەرز پۇل تارقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھەر يىلى 11-ئايدا مەركەزلەشتۈرۈپ تارقىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈركۈمگە بۆلۈپ تارقىتىشقا ئەلالاشتۇرۇپ، قەرز قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قەرز قايتۇرۇش يوللىرىنى بېيىتىپ، جانلىق قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى كەڭ يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدىكەن. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى يەنە «دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى» يان تېلېفون ئابونىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 95593 چاقىرىش مەركىزىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.