پاشا O تىپلىق قانغا ئامراقمۇ؟ پىتنە-پاساتلارغا ئالدىنىپ قالماڭ

2025.06.16 14:27 مەنبە: خەلق تورى

ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، ياز كۈنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى تېمىلارغا يەنە ئەھمىيەت بېرىلدى. پاشا O تىپلىق قانغا ئامراقمۇ؟ بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىلا ئالىملار قان تىپى بىلەن پاشىنىڭ مايىللىقى توغرىسىدا بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوخشاش بولمىغان قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلەكلىرى پاشىغا چاقتۇرۇلغان، نەتىجىدە O تىپلىق قاندىكىلەرنى چېقىش ئېھتىماللىقىنىڭ A تىپلىق قاندىكىلەردىن ئاران %8 يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇ خىل پەرقنى ئاساسلىقى شەخسلەرنىڭ بەدەن پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، پۇراق قاتارلىقلار، شۇڭا بۇ قان تىپى پەرقىنىڭ پاشىنىڭ چېقىش مايىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: پاشا چېقىش ئوبيېكتىنى تاللىغاندا، ئەمەلىي فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە مۇھىت ئامىلىغا بەكرەك تايىنىدۇ. پاشا كاربون ( IV ) ئوكسىدىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، نەپەس رىتىمى تېخىمۇ تېز، مېتابولىزم نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى كىشىلەر، مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار، ھەرىكەتتىن كېيىنكى كىشىلەرنى پاشا تېخىمۇ ئاسان بايقىۋالالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ