دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جياڭ بىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ھاۋا ئارمىيەسى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، 14-تۈركۈمدىكى ئايال ئۇچقۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىدىكەن، دەسلەپكى تاللاش ۋە مۇقىم تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئەندىزە بويىچە تاللايدىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلا، ئۇچۇش يوشۇرۇن ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغان ئايال ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇلار ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «قوش ئوقۇش تەۋەلىكى» بويىچە ئۇچقۇچى بولۇپ، بېيجىڭ داشۆسى، چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.