جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئىنكاس قايتۇردى

2025.06.16 14:25 مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ھاۋا ئارمىيە داشياۋسى تيەن جۈنلى مۇنداق بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى نەنخەي دېڭىزىدا دېڭىز-ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە چارلىشىنى تەشكىللىدى. فىلىپپىن رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ئاتالمىش «بىرلەشمە چارلاش»قا تەشكىللەپ، نەنخەي دېڭىزى رايونىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار يۈكسەك ھوشيارلىقنى سىجىل ساقلاپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، نەنخەي دېڭىزىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، قىزىق نۇقتا پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق ھەربىي پائالىيەتلەرنى تولۇق ئىگىلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ