ئۆز مۇخبىرىمىز
«يېڭى يول چىرىغى يورۇق ھەم چىرايلىق ئىكەن، كەچتە سىرتقا چىققاندا قاراڭغۇدا يۈرمەيدىغان بولدۇق!» يېڭىدىن ئورنىتىلغان يول چىرىغىغا قاراپ، سىچۈەن ئۆلكىسى پېڭشى ناھىيەسى چىچېڭ بازىرىنىڭ ئاھالىسى جاڭ خانىمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
پېڭشى ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، جەمئىي 128 ئالاقىدار ئىلتىماس-تەلەپنى رەتكە تۇرغۇزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈزىتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، خەۋەردار بولغان ھامان تۈزىتىدىغان تۈردىكى مەسىلىلەرنى بەش كۈن ئىچىدە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىدىغان تۈردىكى مەسىلىلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسىي شەھەر رايونىدىكى ئالتە ئاساسىي غول يولدا يول چىراغلىرىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى، 200دىن ئارتۇق كونا ئولتۇراق رايونغا ھويلا-ئارام چىراغلىرى ئورنىتىلدى.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى ۋە يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكى ۋە مەركەزلىك تۈزەش تىزىملىك دەپتىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قاتارلىق ئون جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، 22 تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرى تۈزۈپ، مەسئۇل رەھبەر ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ پۇختا تۈزىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى رەتلەپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا تۈرمۇتۈر تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ دائىرىدە پىكىر-تەكلىپ ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئاممىغا ھەقىقىي نەپنى ھېس قىلدۇردى.
يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى «كارخانىلارغا كىرىشتە ساۋما قىلىپ تىزىملاپ باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى رەسمىي تورغا چىقىرىپ، كارخانىلارغا كىرىپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ساۋما قىلىپ تىزىملاشنى يولغا قويدى. ئۆگىنىش-تەربىيە مەزگىلىدە، جيۇجياڭ شەھىرى «جيۇجياڭ شەھىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىشى، خاتىرجەم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.
چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن 48 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق جەمئىي 677 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. رايون دەرىجىلىك خىزمەت مەخسۇس بەنى دىققەتنى مەركەزلىك تۈزەيدىغان 12 تۈرلۈك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىزىملىك شەكلى، ئىش تۈرى شەكلى ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشنى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى.
يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇچېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدىن قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان قايتما ئىنكاس كەلدى: شەھەر ئاھالىسى جاۋ خانىمنىڭ باشقا جايدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ھەرقايسى شەھەرلەر ئامما ھېس قىلغان «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»نى چىڭ كۆزلەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، نازارەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، مائارىپ، داۋالاش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلىدى. ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ ھەم مەركەزلىك تۈزەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى.
«چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پاراڭلىشىمىز، كۆپچىلىكنىڭ مەھەللە ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ئاماللارمۇ كۆپەيدى!»، «جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرى سۇيۈ رايونى ياڭخۇا بازىرىنىڭ جيەنخې مەھەللىسىدىكى «لاۋخۇەيشۇ كېڭىشىش يىغىنى»نى بۈگۈنكى كۈندە قولۇم ـ قوشنىلار دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سۇچيەن شەھىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن كىچىك ئورۇندۇقتا بىللە ئولتۇرۇپ، باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىشكە تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى. سۇيۈ رايونى بازار، كەنت، ئاھالە كومىتېتى كېڭىشىش سۇپىسىنى كەڭ دائىرىدە قۇرۇپ، 80 دىن ئارتۇق پىكىر-تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالدى. سىياڭ ناھىيەسى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ئولتۇراق رايونغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تەشكىللەپ، زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش، ياشانغانلارنى يۆلەش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى تەشكىللەپ، يوللار كونىراپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىدىن 258نى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. سىخۇڭ ناھىيەسى «ياچېيكا ئولتۇراق رايونغا كىرىش، پارتىيە ئەزالىرى سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئامما زاكاز قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى زاكازنى قوبۇل قىلىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ 1200 دىن ئارتۇق «كىچىككىنە ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
«يول ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، يول يۈرۈش قولايسىز، كەنت يولىنى رېمونت قىلغىلى بولامدۇ؟ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇنەن ئۆلكىسى چېنجوۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەنرېن ناھىيەسىنىڭ يۇڭلېجياڭ بازىرى يۈلاڭ كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئىلتىماس-تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالاقىدار تارماقلار دەرھال چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى تۈزدى.
چېنجوۋ شەھىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باغچە رايونى، يېزا-كەنت، مەھەللىگە بېرىشقا تەشكىللەپ، كەسىپ ئىشچىلىرى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 1959 پارچە پىكىر-تەكلىپنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، «يىغىش − ھۆكۈم قىلىش − تۈزەش» يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمنى ئورنىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرى كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاش، كۆڭۈل قويۇپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتتى. 12345 خەلق تۇرمۇشى قىزىق لىنىيەسى تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش، كىچىك، ئۇششاق ھوقۇقتىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار 811 پىكىر-تەكلىپ توپلاپ، تىزىملىك بويىچە يېپىق ھالقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، 649 نى دەرھال تۈزەتتى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى داشىڭئەنلىڭ رايونى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «نۇقتىدا تۇرۇپ دائىرىگە كىرىش»، «شەھەر رايونىدا پىيادە يۈرۈش» قاتارلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى، قاتناش مەيدان-بېكىتى قاتارلىق جايلارغا ئىختىيارىي بېرىپ، مۇھىت تازىلىقى، كۆزنەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشكە تەشكىللىدى. بۇ مەزگىلدە يول يۈزى بۇزۇلۇش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ئۇلاش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، يېشىللىقنى بۇزۇۋېتىش قاتارلىق 350 پارچە قېتىمدىن ئارتۇق مەسىلە ھەل قىلىندى.
تيەنجىن شەھىرى نەنكەي رايونى «يۆلەي ئاۋانگارتلىرى» ئەمەلىيەت ۋاسىتىسىگە تايىنىپ، «پۇقرالارنىڭ < كىچىك ئەمەلىي ئىش > لىرىنى ياخشى قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەھەللىدىكى كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلتىماس-تەلەپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئىشلارنى بىلگەن ھامان تۈزىتىشنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېز ئىنكاس قايتۇردى.
گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجوۋ شەھىرى «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇش، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەت مەسىلىسىدىن 902 نى مەركەزلىك ھەل قىلدى.
شەھەرلەردىن يېزا-كەنتلەرگىچە، كارخانىلاردىن مەھەللىلەرگىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشتەك تۈزىتىش سالمىقى، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ھارارىتى ئارقىلىق، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا ئىستىل قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى.