ئالدىنقى بەش ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشتى

كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2025.06.16 14:21 مەنبە: خەلق تورى

تاموژنا باش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيگەن، ئالدىنقى بەش ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 286 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 188 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 98 مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان.

تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 2013-يىلىدىكى 312 مىليارد 40 مىليون يۈەندىن 2024-يىلىدىكى 671 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە كېڭىيىپ، %116 ئاشقان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %7.3 كە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى سىجىل چوڭقۇرلاشقان.

دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بارغانسېرى كۆپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىردى.بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن ئىمپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 4 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان زىغىر ئۇرۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %202.1 ئاشقان، ئۆزبېكىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان قۇرۇق ئۈزۈم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %153.7 ئاشقان، قىرغىزىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ھەسەل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.9 ھەسسە ئاشقان.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىشنىڭ پايدىسىدا، ئەتراپتىكى قۇرۇقلۇق يولى سىجىل ئەلالىشىپ، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشيول تىرانسپورت شەكلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 143 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئېشىپ، %50تىن يۇقىرى نىسبەتنى ساقلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ