«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى

2025.06.16 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 12 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2015 - يىلى 10 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇساپىسىنى تېزلەتتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپى چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش باسقۇچقا، ساھەلەرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوخشاشلا يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشكە توغرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تۈزۈلگەن يىرىك پىلان ۋە سىياسەت سىستېمىسىدا دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقنى بېيىتىپ، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، مەزمۇننى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشى دەل دۆلىتىمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ. ياخشى فاڭجېن - سىياسەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ھەممىسى جەزمەن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە ئۈمىدىگە ماس كېلىشى، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشى كېرەك. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى يىرىك پىلان تۈزۈشتە تولۇق قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا جەزمەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەربىر ساھەدە نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىش، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە دەلىللەپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشقا، قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاچقۇچلۇق، ھەل قىلغۇچ ئامىلنى چىڭ تۇتۇپ، رىتىم ۋە سۈرئەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، بوغما ھالەت ۋە توسۇق نۇقتىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي نىشان بىلەن يۆنىلىشنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يىرىك پىلاننىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ