شىنجاڭ بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە 7400 دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىنى ئېلان قىلدى

2025.06.13 15:37 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2025-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 7431 ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان پىراكتىكا ئىش ئورنى 5389 ئىكەن.

يېقىندا، ئاپتونوم رايون 2025-يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنى توپلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئىش ئورنىنى قېزىش، سۇپا قۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنى يېتەرلىك پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىش ئورنى تەقسىماتىدىن قارىغاندا: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 840، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 1164، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 349، ئالتاي ۋىلايىتىدە 224، قاراماي شەھىرىدە 564، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا 91، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 784، قۇمۇل شەھىرىدە 139، تۇرپان شەھىرىدە 169، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا 748، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1422، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا 135، قەشقەر ۋىلايىتىدە 109، خوتەن ۋىلايىتىدە 693.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ