بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئابدۇغېنى تۇرغۇن يەنە مەملىكەت رېكورتىنى بۇزدى! گېرمانىيەنىڭ يېڭى بىراندېنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە بايرىمىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ئېتىش مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسىدە، ئاسىيا چېمپىيونى ئابدۇغېنى ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن 65.69 مېتىر ۋە 67.29 مېتىر ئېتىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بىر كۈن ئىچىدە، ئابدۇغېنى بۇ يىل 4-ئايدا ئۆزى ياراتقان 65.35 مېتىرلىق ئەرلەر دىسكا ئېتىش مەملىكەتلىك رېكورتىنى ئىككى قېتىم بۇزۇپ تاشلىدى.