جۇڭگونىڭ 240 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغان دۆلەت 55كە يەتتى

2025.06.13 15:29 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: 2025-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ھىندونېزىيە پۇقرالىرى 240 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى تەتبىقلاپ جۇڭگوغا كەلسە بولىدۇ، جۇڭگونىڭ 240 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغان دۆلەت 55 كە كۆپەيدى.

نۆۋەتتە، ھىندونېزىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 55 دۆلەتنىڭ خادىملىرى كۈچكە ئىگە خەلقئارا ساياھەت گۇۋاھنامىسى، ۋاقىت ۋە ئورنى بېكىتىلگەن ئۇلانما مۇساپىلىك يولۇچىلار بېلىتى بىلەن جۇڭگودىن ئۆتۈپ 3-دۆلەت ياكى رايونغا بارسا بولىدۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ 60 ئېچىۋېتىلگەن پورتى ئىچىدىكى خالىغان بىر پورتتىن چېگرادىن ۋىزىسىز كىرگىلى بولىدۇ، ھەمدە بەلگىلەنگەن رايوندا توختاش پائالىيىتى 10 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. توختاش مەزگىلىدە ساياھەت، سودا، زىيارەت، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، خىزمەت، ئۆگىنىش، ئاخبارات زىيارىتى قاتارلىق ئالدىن تەستىقلاشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەردە يەنىلا ۋىزا بېجىرىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ