ئالدىنقى بەش ئايدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 10 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن بولۇپ، تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %57.1 ىنى ئىگىلىدى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، تاشقى سودىنىڭ «يېڭىلىق تەركىبى» ئۆستۈرۈلدى (پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش)

2025.06.13 15:26 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ئوۋ ياڭجيې

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى:« يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئايدا خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆز ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.»

پۇقراۋى كارخانىلار بىرىنچى چوڭ تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىسى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 10 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، دۆلىتىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %57.1 ىنى ئىگىلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 6 تىرىليون 970 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، دۆلىتىمىز ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %65.4 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىمپورت سوممىسى 3 تىرىليون 280 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئېشىپ، دۆلىتىمىز ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %45.1 ىنى ئىگىلىگەن. تاشقى سودا كۆلىمىدە بىرقەدەر تېز ئېشىش بارلىققا كېلىش بىلەن بىللە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن.

ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ، يېڭى بازار ئېچىلدى

بۇ يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، پۇقراۋى كارخانىلار بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، «يېڭى» ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، «يېڭى» يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ئەۋزەللىكنى يارىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بازار، يېڭى بوشلۇقىنى تىرىشىپ ئېچىپ، تاشقى سودىنىڭ «يېڭىلىق تەركىبى»نى ئاشۇردى.

گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن شەھىرى ۋېيشى مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىندا 2025-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان دۆلەت مەدەنىيەت ئېكسپورتىدىكى نۇقتىلىق كارخانا بولۇپ تاللاندى. «پىنكۇ» ۋېيشى مەدەنىيەت شىركىتى نامىدىكى بىر خىل قۇراشتۇرما مېتال ئويۇنچۇق ماركىسى بولۇپ، مەھسۇلات لايىھەسىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن. ھەۋەسكارلار چۈشەندۈرۈشى ۋە سىن ماتېرىيالىغا ئاساسەن، مېتال پارچىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى شەكلىگە كەلتۈرۈپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىجادىيىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

دۇڭگۇەن شەھىرى ۋېيشى مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يې زۇۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز ماتېرىيال، قۇرۇلما ۋە ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە 10 مىڭ قېتىمغا يېقىن سىناق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قۇراشتۇرما مېتال مودا ئويۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىدا، جۇڭگو سانائەت ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھۈنەر-سەنئەت لايىھەسى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئېستېتىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. نۆۋەتتە بىز چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلار 1000 خىلدىن ئېشىپ، 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا سېتىلىۋاتىدۇ، D 3 لىق قۇراشتۇرما مېتال رەسىمىنىڭ پۈتۈن يەرشارى بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %95كە يەتتى، ئالدىنقى بەش ئايدا ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئەتراپىدا ئاشتى.»

كەڭ پۇقراۋى تاشقى سودا كارخانىلىرى دۇنياۋى بازارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىغا تېز ئاۋاز قوشتى ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنياۋى ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى. «يېڭى مەھسۇلات»، «مودا مەھسۇلات»، «بازارلىق مەھسۇلات»لار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، خاس ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

جېجياڭ نىڭبو شەھىرىگە جايلاشقان شىدەننۇ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى دىققىتىنى ئىلمە توقۇلما، كىيىم-كېچەك لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا قاراتقان كارخانا بولۇپ، ئالدىنقى تۆت ئايدا كارخانىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 250 مىليون دوللار بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15.8 ئېشىپ، مەھسۇلاتلىرى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى.

شىدەننۇ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى تاشقى سودا كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى چيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز دۆلەت ئىچىدە بەش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تەسىس قىلدۇق، كامبودژا، ۋىيېتنام، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە مەملىكەت سىرتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن تۆتنى تەسىس قىلدۇق، مەملىكەت سىرتى رايون باشقۇرۇش مەركىزىدىن بەشنى، ياسىمىچىلىق مەركىزىدىن سەككىزنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، دۇنياۋى ماركا ئېھتىياجىنى قاپلىغان مۇكەممەل ياسىمىچىلىق قىممەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈردۇق. شىركىتىمىز ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى مەملىكەت سىرتى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى پائال ئېچىپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق تەمىنلەش زەنجىرى تورىنى كېڭەيتتى.»

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جېجياڭ كارخانا ئاساسىي گەۋدىسى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ، جېجياڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇپ قالدى. كەڭ كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇردى. نىڭبو تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى بەش ئايدا جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون 829 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 1 تىرىليون 452 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.

رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئىقتىدار مۇجەسسەملىنىپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىلدى

تۆۋەن تەننەرخلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمدىن كۆپ تۈرلۈك كەسىپتە ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇشقىچە؛ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان مودا بولۇۋاتقان يېڭى مەھسۇلاتلاردىن ماتېرىيالى يېڭى بولغان كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىملەرگىچە، نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانىلار ھەم ساھەدىكى «يەككە تۈر چېمپىيونى» بولدى، ھەم «0 دىن 1 گىچە» بولغان باتۇر «بۆسۈش ھاسىل قىلغۇچى» بولدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنگۇڭ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، يېقىندا بازارغا سالغان يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭى مەھسۇلاتلىرى دۆلەت سىرتى بازارلىرىدا قارشى ئېلىندى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى دۆلەت سىرتىدىكى زاكازلارنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، قېزىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنگۇڭ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارا ماركېتىڭغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ شۈەي تونۇشتۇردى: «بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىدۇ. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىركەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15 ئاشتى.»

رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان لايىھەلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، بارغانسېرى كۆپ پۇقراۋى كارخانىلار «جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى»نىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندە ماشىنا ئادەمگە ئالاقىدار كارخانا 7000 دىن ئاشىدۇ، ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار كەپشەرلەش ماشىنا ئادىمى، توشۇش ماشىنا ئادىمى، قۇراشتۇرۇش ماشىنا ئادىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۇڭگۇەن شەھىرى ئېكسپورت قىلغان سانائەت ماشىنا ئادەملىرىنىڭ سوممىسى 190 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 116.4 ئاشقان.

سۇڭلىڭ ماشىنا ئادەم (دۇڭگۇەن) چەكلىك شىركىتى دىققىتىنى كۆچمە ماشىنا ئادەم سىستېمىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشكە قاراتقان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 3000 دىن ئارتۇق ماشىنا ئادەمنى قوللىنىش لايىھەسىنى يولغا قويدى، بۇ، بىخەتەرلىك بويىچە چارلاش-تەكشۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يۆنىلىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىركەتنىڭ بازار باش نازارەتچىسى چېن پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز ئاساسلىقى شىمالىي ئامېرىكا، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمدە ياۋروپادىن كەلگەن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئېكسپورت زاكازى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 50 ئەتراپىدا ئاشتى، ئېشىش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.»

كىچىك بولغاندا ئىككى چاقلىق توكسىكلىت، توكلۇق سىيرىلىش تاختىسىدىن، چوڭ بولغاندا دېڭىز سانائىتى جابدۇقلىرى، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى «يېشىللىق» مىقدارىمۇ سىجىل ئاشتى.

جيۇخاۋ شىركىتى جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ زاۋۇتىدا دۇنياۋى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تەسىس قىلغان، بۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 سېكۇنتتا بىر توكلۇق سىيرىلما تاختا ياسىلىدۇ، ھەر مىنۇتىغا سەككىز شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنياغا سېتىلىدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە جەمئىي سېتىپ چىقىرىلغان مەھسۇلات 14 مىليوندىن ئاشتى.

«يېشىل سەپەرگە چىقىش ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە توكلۇق سىيرىلما تاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا < ئويۇنچۇق > تىن < جابدۇق > قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نائېنبو (چاڭجوۋ) پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياسىمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى لى مىڭجيۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىركىتىمىزنىڭ مال ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 77.06 ئاشتى. نەنجىڭ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جياڭسۇ ئېكسپورت قىلغان توكلۇق موتوسىكلىت ھەم ۋېلىسىپىت 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 21.6 ئاشقان.

ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېھتىياجنى قاندۇردى

جۇڭگو ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە 2-چوڭ مال ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتتى، پۇقراۋى كارخانىلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىمپورتىدىكى مۇھىم كۈچ.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، بېنگالدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈچ توننا ماڭگو نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قاچىلىنىپ داككادىن چاڭشا خۇاڭخۇا ئايرودۇرۇمى پورتىغا ئۇچۇپ كەلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم بېنگال مانگوسىنى ئىمپورت قىلىشى. ئىمپورت سودىگىرى خۇنەن بابەيلى پاي كونترول گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لو چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مانگو دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا، تاللا بازىرى ۋە يېڭى يېمەكلىك زەنجىرسىمان سېتىش قاتارلىق يوللارغا كىرىپ سېتىلىدۇ.

ئېفىيوپىيە، كېنىيە، ۋىيېتنام، پېرۇ، يامايكا قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان 25 دۆلەتنىڭ قەھۋە خام پۇرچىقى «قەھۋە مەدەنىيىتى»بىلەن داڭ چىقارغان شاڭخەيگە جەم بولدى. شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شاڭخەي پورتىدىن ئىمپورت قىلىنغان قەھۋە 2 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشقان.

پۇقراۋى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىلدى، ھەرقايسى جايلار سىجىل كۈچىدى. سىچۈەن 2025-يىللىق تاشقى سودا كارخانىلىرى «يۈز كارخانا باشلامچى بولۇش. مىڭ كارخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» بويىچە يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلاپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ بازارنى كېڭەيتىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ جېجياڭ مال ئوبوروتى دۇنيا كەسىپ بەلبېغىنى چەت ئەلگە چىقىرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ «كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى چەت ئەلگە چىقىرىش، مالنى دۇنياغا يەتكۈزۈش»ىگە ياردەم بەردى.

«مەھسۇلاتنى چەت ئەلگە چىقىرىش»تىن «كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى چەت ئەلگە چىقىرىش»، «مەدەنىيەتنى چەت ئەلگە چىقىرىش»قا تېز ئاتلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ