ئون ئىككى مۇقامنىڭ ۋەن تۇڭشۇ نوتىغا ئالغان قول يازمىسى «جۇڭگو ئارخىپ، ھۆججەت-ماتېرىيال مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى

2025.06.12 14:58 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى 6-تۈركۈمدىكى «جۇڭگو ئارخىپ، ھۆججەت-ماتېرىيال مىراسلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا 52 تۈرلۈك ئارخىپ، ھۆججەت-ماتېرىيال كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى رەتلەپ مۇندەرىجىسىنى تۈزگەن ھەم ئىلتىماس قىلغان «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ۋەن تۇڭشۇ نوتىغا ئالغان قول يازمىسى»مۇ بار. بۇنىڭ بىلەن، بۇ تىزىملىككە تاللانغان تۈر ئومۇمىي سانى 250كە يەتتى.

ۋەن تۇڭشۇ دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق مىللىي مۇزىكا ئالىمى، ئۇ بىر ئۆمۈر شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ھەم باشقا خەلق ئىچى مۇزىكىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. خەلق ئارىسىدا تارقالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى»دەك تەخىرسىز مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇنى شىنجاڭغا ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، كوللېكتىپ تەشكىللەپ ئون ئىككى مۇقامنى نوتىغا ئېلىش، توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىشنى تاماملىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ