نىڭدۇڭ چۆللۈكىدە، غايەت زور كۆمۈردىن ماي ئېلىش قۇرۇلمىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، تۇرۇبا يولى، مۇنارلار خۇددى «سانائەت ئورمىنى»دەك زىچ تارقالغانىدى.
«كۆمۈردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك»، بىر توننا كۆمۈردىن يەتتە ھەسسە قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ! دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى نىڭشيا كۆمۈرچىلىك كەسپىدە كۆمۈردىن ماي ئېلىش شۆبە زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى دېڭتۇڭ كونترول ئېكرانىنى يېنىك چېكىشى بىلەن، بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار پەيدا بولدى − دۇنيا بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ كۆمۈرنى ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇش تۈرى ھەر كۈنى 60 مىڭ توننا كۆمۈرنى ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيىغا، يۇقىرى دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالايدۇ.
مەۋقەنى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى خاسلىققا ئىگە، پەرقلىق بولغان كەسىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى كۆزلەپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
2024 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «نىڭشيا زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال كەسپى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى، ئۈزۈم ھارىقى، ئالقات قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە ئىشلەپ، سىجىل تەرەققىي قىلىشى كېرەك.»
خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، نىڭشيا خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى، كەسىپ بازىسى، كەسىپلەر باغچە رايونى، كەسىپلەر توپىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ دەرىجىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.
تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىندى.
نىڭشيا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە، كىچىككىنە ئالقات «72 خىل ئۆزگەردى». دۆلەت ئالقات قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ساۋ يوۋلۇڭ بىرنەيچە سۇيۇقلۇقنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئالقات مېيى، بىر توننا ئالقاتنى يېڭى مېۋىدىنلا 2.4 كىلوگىرامنى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما قىممىتى نەچچە ئون ھەسسە قاتلاندى. «ئىچىدىغان سۇيۇقلۇقتىن يۈز چاپلىقىغىچە، بىز 120 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈپ، ئالقاتنىڭ < جىڭلاپ سېتىشتىن گىرامدا سېتىشقىچە > بولغان كەسىپلىشىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدۇق.»
نىڭشيا دىققەتنى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاكىز ئېنېرگىيە، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت، كەسىپ، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا بىرلىكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتتى.يېقىنقى ئۈچ يىلدا، نىڭشيانىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 12.8 ئاشتى، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 80 تىن ئاشتى.
شېنخۇا نىڭمېي گۇرۇھى كۆمۈردىن ماي ئېلىش كاتالىزاتورى تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەر توننا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خوراش مىقدارىنى % 30 تۆۋەنلەتتى؛ تيەندى بېننيۇ گۇرۇھى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇرغىلاش ماشىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، دىيامېتىرى چوڭ بولغان چوڭقۇر قۇدۇقتا بۇرغىلاش ئۈسكۈنىسىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئالقاتنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆلچەش تەرتىپى تاماملاندى، شال، بۇغداي قاتارلىق سورتلارنى يېڭىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى...خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى جاسارەت بىلەن ياخشى ئىلگىرىلىدى، نىڭشيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «ئەڭ زور ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندۇردى.
«بۇ يىل نىڭشيا 100 تۈردىن ئارتۇق مۇھىم تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 500 تۈردىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتىنى بىرىكتۈرۈش، يۇقىرى ئىقتىدارلىق مېتال ماتېرىياللارنى ئىنچىكە، يېشىل پىششىقلاش، ئالقاتنى ئېچىش بويىچە يۇقىرى قىممەتلىك پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى :«سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ «يېشىللىق تەركىبى مىقدارى» بىلەن «قىممەت»نى ئاشۇرىمىز.»
خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدە كۆز يەتكۈسىز ئۈزۈمزارلىق بار.
ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جاي تېخى قاقاسلىق ئىدى.جىخۇي يۈەنشى ھاراقچىلىقىنىڭ باش دىرېكتورى يۈەن يۈەن مۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «بىز 5 مىليون توننا چوڭ قۇم-شېغىلنى يۆتكەپ، 8000 مو يەرگە ئۈزۈم تىكتۇق، بۈگۈنكى كۈندە ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.»
نىڭشيادا، 400 مىڭ مو تاشلاندۇق كان رايونى، قاقاسلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئايلاندى، يۈرۈشلەشكەن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يىلىغا 15 مىليون توننا سۇ تېجىلىپ، سۇ ـ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش كۆلىمى% 60 ئازايدى.
بۇ، نىڭشيانىڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يېشىللىققا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، نىڭشيا ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر يېشىل توك باغچە رايونى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقىتىپ، بايلىق، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى رىقابەت ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېزدىن ئايلاندۇردى.
نىڭدۇڭ بازىسى ھەر يىلى كېرەكسىز سۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىپ، يىلىغا 24 مىليون توننا قايتما سۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش نىسبىتى بۇ يىل% 50 كە ئۆستۈرۈلىدۇ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختا ئۈستىدە توك چىقىرىش، تاختا ئاستىدا قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «بىر جايدا ئىككى خىل ئىشلىتىش»ئەندىزىسىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۇراقلاشتۇرۇلغان قۇم 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ...نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ خەنۋۇ مۇنداق بىلدۈردى :«قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نىڭشيانىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي رېڭىنى مەھكەم ساقلىدى.»
سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، نىڭشيانىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىلغار يورۇقلۇق ۋولت، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق قاتارلىق 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ زەنجىرى ۋە يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال، زامانىۋى خىمىيە سانائىتى قاتارلىق 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى قۇرۇپ، كارخانىلار توپلاشقان، كەسىپلەر توپى تەرەققىي قىلغان ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى تېز شەكىللەندۈردى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىڭشيا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، < چوڭ باغچە رايونى، كارخانا، تۈر بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ، راۋاجلاندۇرىدۇ.»