ئالدىنقى بەش ئايدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

ئافرىقىغا قىلىنغان ئېكسپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشتى

2025.06.12 15:09 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا كۆلىمىدە ئارقا-ئارقىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۇدا 16 يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن. تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا كۆلىمى تۇنجى قېتىم 2 تىرىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 963 مىليارد 210 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئافرىقىغا قىلىنغان ئېكسپورت 599 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشقان؛ ئافرىقىدىن قىلىنغان ئىمپورت 363 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2000-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە قاراپ كېڭەيگەن. جۇڭگو تاموژنىسى تۈزگەن جۇڭگو-ئافرىقا سودا كۆرسەتكۈچى 2000 -يىلىدىكى ئاساسىي مەزگىل قىممىتى 100 نۇقتىدىن تېز ئېشىپ، 2023-يىلى 1000 نۇقتىدىن ئېشىپ، 2024-يىلى 1056.53 نۇقتىغا يەتتى، بۇ ساننىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى جۇڭگو-ئافرىقا سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ